ئەسەد ھاكىمىيىتى كونتروللۇقىدىكى دېرئادا سۇيىقەست قىلىش ۋەقەلىرى كۆپىيىپ كەتتى

سۈرىيەنىڭ دېرئا ۋىلايىتىدە سېنتەبىر ئېيى ئىچىدە 38 ئايرىم سۇيىقەست قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى، ھۇجۇملاردا 21 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1281112
ئەسەد ھاكىمىيىتى كونتروللۇقىدىكى دېرئادا سۇيىقەست قىلىش ۋەقەلىرى كۆپىيىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە ئۆكتىچى ۋە ئىنقىلابچى كۈچلەر مەملىكەتلىك كېڭىشىنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىغا قارىغاندا، دۆلەتنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان دېرئا ۋىلايىتىدە 38 قېتىم سۇيىقەست قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 21 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان، 14 ئادەمن يارىلانغان؛ سۇيىقەست ھۇجۇملىرىنىڭ بىر قىسمى سابىق ئۆكتچىلەرنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان.

باياناتتا، سۇيىقەست ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان 12 سابىق ئۆكتىچىنىڭ توققۇزىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئىيۇل ئېيىدا ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن قايتىدىن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى قىسىملىرى سېپىگە قېتىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقى بىدۈرۈلدى. بۇلاردىن سىرت، ئۆتكەن ئاي دېرئادا كەم دېگەندە 22 قېتىم خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، قىيىن – قىستاققا ئېلىش ۋە ئۆلۈم جازاسى بېرىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، مۇئاۋىن رەئىس ئوكاب يەھيانىڭ «سۇيىقەستلەرنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئىران ئىكەنلىكى، ۋەقەلەرنىڭ رۇسىيەنىڭ دېرئادا ئىراننىڭ يولىنى تورىيالمىغانلىقىنى ۋە خەلقئارا كېلىشىملەرگە رىئايە قىلمىغانلىقى» توغرىسىدىكى قاراشلىرىغىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى، ئىران ھىمايىسىدىكى چەت ئەللىك تېررورچىلارنىڭ ۋە رۇسىيەنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا ئۆتكەن ئاي دېرئانى قولغا كىرگۈزگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر