مالىدا ئىش تاشلاش جەريانىدا نۇرغۇن ئىشچى ئۆلدى
غەربىي ئافرىقا دۆلىتى مالىدا بۇلتۇر ماي ئېيىدىن تارتىپ ئىش ھەققىنى ئالالمىغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇدا 4 ئايدىن بېرى ئىش تاشلاۋاتقان تۆمۈر يول ئىشچىلىرىدىن 8 ى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1184005
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ News.abamako › خەۋەرلەر تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇدا 11 ئايدىن بۇيان ئىش ھەققىنى ئالالمىغانلىقلىرى ئۈچۈن بۇلتۇر دېكابىردىن بېرى ئاچلىق ئېلان قىلىپ، ئىش تاشلىغان مالى تۆمۈر يول ئىشچىلىرىدىن 8 ى ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، ئىش تاشلاۋاتقان كۆپ ساندىكى ئىشچىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى كۈنسېرى ناچارلىشىپ كەتكەنلىكتىن، دوختۇرخانىلاردا داۋالانماقتا ئىكەن.
يەنە بىر تەرەپتىن، مالىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئۇيۇشمىلىرىمۇ 17 – مايغىچە ئىش تاشلاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىغان بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلار تۇرالغۇ ياردىمى، دۆلەت مۇلازىمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش ئىشلىرىنىڭ قولايلاشتۇلۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا ئىكەن.