سۇداندىكى نامايىشلاردا ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى يۈز بەردى
سۇداندا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ پايتەخت خارتۇمدىكى ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا مۇداخىلە قىلىشى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1180112
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆكتىچى سۇدان مەركىزى دوختۇرلار كومىتېتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ پايتەخت خارتۇمدىكى ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا مۇداخىلە قىلىشى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، نامايىشچىلار ۋە ئەسكەرلەردىن نۇرغۇن كىشى يارىلانغان بولۇپ، يارىدارلاردىن بەزىلىرىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن.