ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلادىكى بارلىق دىپلوماتلىرىنى قايتۇرۇپ چىقىشنى قارار قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ۋېنېزۇئېلادىكى ئەلچىخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بارلىق خادىملىرىنى مۇشۇ ھەپتە قايتۇرۇپ كېتىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

1161828
ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلادىكى بارلىق دىپلوماتلىرىنى قايتۇرۇپ چىقىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ۋېنېزۇئېلادىكى ئەلچىخانىسىدىكى بارلىق خادىملىرىنى مۇشۇ ھەپتە قايتۇرۇپ كېلىدۇ. بۇ قارار، ۋېنېزۇئېلادىكى ناچارلىشىۋاتقان ۋەزىيەتنى ۋە ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىكى دىپلوماتىك خادىملارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئامېرىكا سىياسەتلىرىگە چەكلىمە بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت نەتىجىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، يانۋار ئېيىدا ۋېنېزۇئېلادىكى ئەلچىخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىككىنچى دەرىجىلىك دىپلوماتلارنىڭ دۆلەتتىن چىقىپ كېتىشى توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈرگەن؛ ئەمما بىرىنچى دەرىجىلىك دىپلوماتلارنىڭ خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

يوليورۇقنىڭ، ۋېنېزۇئېلادىكى ئامېرىكا دىپلوماتىك ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغان 150 ئەتراپىدىكى خادىمنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمەتلىرىنىڭ قىيىنلىشىپ كەتكەنلىكى تۈپەيلى چۈشۈرۈلگەنلىكى، شۇنداقتىمۇ پايتەخت كاراكاستىكى ئەلچىخانىنىڭ داۋاملىق ئوچۇق بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر