شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولار بىكار قىلىنامدۇ؟

جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنى بىكار قىلىش ياكى قىلماسلىق مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزمەكتە.

1065990
شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولار بىكار قىلىنامدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان بەزى ئېمبارگولارنى بىكار قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يونھاپ ئاگېنتلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاڭ كىيۇڭ ۋىھىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىغا خىتاب قىلغاندا 2010-يىلى جەنۇبىي كورېيەگە تەۋە بىر ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشىدىن كېيىن، شىمالىي كورېيەگە يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان ئېمبارگولارنى بىكار قىلىش ياكى قىلماسلىق مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.  

مىنىستىر كاڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، 2010-يىلى 45 جەنۇبىي كورېيەلىك دېڭىزچىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنى بىكار قىلىش ياكى قىلماسلىق مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى دېدى.

باشقا دۆلەت ئورۇنلىرى بىلەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن كاڭ، بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.

مىنىستىر كاڭ شىمالىي كورېيەگە جەنۇبىي كورېيەدىن باشقا ب د ت نىڭمۇ ئېمبارگو قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

جەنۇبىي كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان يادرو قوراللىرىغا مۇناسىۋەتلىك مۇزاكىرىلەرنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان مىنىستىر كاڭ:  شىمالىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىلىشى ئۈچۈن كۆۋرۈكلۈك رول ئويناۋاتىمىز، دېدى.

جەنۇبىي كورېيەگە تەۋە بىر ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ 2010-يىلى چۆكۈپ كېتىشىدىن كېيىن جەنۇبىي كورېيە ھۆكۈمىتى، بۇ ئىشقا سەۋەب بولغان شىمالىي كورېيە بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر