بىرما 8 مىڭدىن ئارتۇق ئاراكانلىق ئارىسىدىن پەقەت 374 كىشىنى تاللىدى

بىرما ھۆكۈمىتى، باڭلادېش ھۆكۈمىتى بىلەن تۈزگەن كېلىشىم دائىرىسىدە يۇرتلىرىغا قايتىشى تەلەپ قىلىنىپ تىزىملىكى تاپشۇرۇلغان 8 مىڭدىن ئارتۇق ئاراكانلىق مۇسۇلماندىن پەقەت 374 ىنىڭ شەرتلىرىنىڭ قايتىش ئۆلچىمىگە چۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

930345
بىرما 8 مىڭدىن ئارتۇق ئاراكانلىق ئارىسىدىن پەقەت 374 كىشىنى تاللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرما تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دائىمىي كاتىپى ماينت تۇ بايانات بېرىپ، باڭلادېش ھۆكۈمىتىنىڭ بىرماغا 8 مىڭدىن ئارتۇق ئاراكانلىق مۇسۇلماننىڭ تىزىملىكىنى تاپشۇرغانلىقىنى، بۇلاردىن پەقەت 374 ىنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىش شەرتىگە چۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «باڭلادېش ھۆكۈمىتىگە 374 كىشىنىڭ تىزىملىكىنى تاپشۇردۇق. بۇلار زېمىنلىرىغا قايتىدىغان تۇنجى تۈركۈم كىشىلەر بولۇشى مۇمكىن» دېدى.

ئاراكاندا 1970 – يىللاردا 2 مىليوندەك مۇسۇلماننىڭ ياشايدىغانلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، بىرما دائىرىلىرىنىڭ سىستېمىلىق ھالدا داۋاملاشتۇرغان زوراۋان سىياسەتلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان كۆچۈش دولقۇنى يۈزىسىدىن بۇ سان نۆۋەتتە 300 مىڭغىمۇ يەتمەيدۇ.

ب د ت نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، پەقەت ئۆتكەن يىلى 25 – ئاۋغۇستتىن بۇيان ئاراكاندىن قېچىشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىپ باڭلادېشقا كەلگەنلەرنىڭ سانى 700 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرىنى تارقىتىپ يۈزلەرچە يېزىنىڭ ۋەيران قىلىپ تاشلانغانلىقىنى دەلىللىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر