ھىندىستاندا يىلپىزلار 3 ئۆسمۈرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ھىندىستاننىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا يىلپىزلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 3 كىچىك بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

885619
ھىندىستاندا يىلپىزلار 3 ئۆسمۈرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا رايونلىرىدىكى بىر يېزىدا يىلپىزنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان 2 كىچىك بالىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 14 ياشلىق يەنە بىر ئۆسمۈرنىڭ بولسا، شىمال تەرەپتىكى بىر يېزىدا يىلپىزنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تەبىئەتنى ئاسراش فوندى جەمئىيىتى ئەزاسى پىراناي چانچانى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھىندىستاندىكى نۇرغۇنلىغان تۇرالغۇ يەرلەرنىڭ يىلپىزلارنىڭ تېرروتورىيەسى ئىچىگە كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، شۇنداقتىمۇ يىلپىزلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئادەم ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئىنتتايىن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر