ئامېرىكا ياۋروپادا ساياھەت قىلماقچى بولغان پۇقرالىرىنى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ياۋروپادا ساياھەت قىلماقچى بولغان پۇقرالىرىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ياۋروپادا تېررورلۇق ۋەقەلىرى سادىر قىلىش ئېھتىمالىنى كۆزدە تۇتۇپ ئاگاھلاندۇردى.

615170
ئامېرىكا ياۋروپادا ساياھەت قىلماقچى بولغان پۇقرالىرىنى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پۇقرالىرىنى ياۋروپادا بولغۇسى تېررورلۇق ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «ياۋروپا ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى»تېمىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا مىقىياسىدا بولۇپمۇ يېقىنلىشىۋاتقان روژدىستۋا ۋە يېڭى يىل بايراملىرىدا بولغۇسى تېررورلۇق ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇردى.

باياناتتا ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ فېستىۋاللار، پائالىيەتلەر، ئۈستى ئوچۇق بازارلار، رېستورانلار، ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرى، ساياھەت ئورۇنلىرى ۋە ئىبادەت ماكانلىرى قاتارلىق جايلاردا دىققەت قىلىشى كېرەكلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ 2017-يىلى 20-فېۋرالدا ئاخىرلىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، ئىشەنچىلىك ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش، ئەل قائىدە ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ روژدىستۋا ۋە يېڭى يىل بايراملىرىدا ياۋروپادا ھۇجۇم پىلانلاشقا مەركەزلەشكەنلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر