ئىسرائىلىيە 7 - ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىنى قانغا مىلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا

خەلقئارا قانۇنلارنى ئاياق ئاستى قىلىپ، ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنى ئايرىماستىن پۇقرالارنى قىرغىن قىلىۋاتقان ئىسرائىلىيە قىسىملىرى، بۇ قېتىم غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بۇرايج پاناھلانغۇچىلار لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى.

2132844
ئىسرائىلىيە 7 - ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىنى قانغا مىلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لاگېرنىڭ شەرقىدىكى بىر ئۆينىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنىشى نەتىجىسىدە، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە يارىلانغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ئىسرائىلىيە يەنە غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى رافاھ شەھىرىگىمۇ ھۇجۇم قىلدى.

بىر ئۆيگە قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، بىرسى بوۋاق بولۇپ، جەمئىي 6 پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى. تېل سۇلتان مەھەللىسىگە قىلىنغان ھۇجۇمدىمۇ بىر ئائىلە پۈتۈنلەي يوق قىلىندى ۋە 5 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

بىر تەرەپتە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى قورشاۋى داۋاملشىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن رايونغا ھاۋادىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلمەكتە.

پەلەستىنلىكلەر ئەڭ ئەققەللىي تۈرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈنمۇ بومباردىمانلارنىڭ سايىسىدا كۈرەش قىلماقتا.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن رايوننى يەنە بىر قېتىم زىيارەت قىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بلىنكېننىڭ 29 - ئاپرېلدىن 30 - ئاپرېلغىچە سەئۇدى ئەرەبىستاننى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بلىنكېننىڭ سۆھبەتداشلىرى بىلەن غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش تىرىشچانلىقى ۋە ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش قاتارلىق تېمىلاردا مۇزاكىرىلىشىدىغانلىقى بۇنىڭدىن باشقا يەنە، غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭمۇ مۇزاكىرە ئۈستىلىدە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر