شىددەتلىك بوران ئاپىتى خىتايغا ئېغىر زىيان سالدى

تۈنۈگۈنكى شىددەتلىك بوران ئاپتىدە يوقۇلۇپ كەتكەنلەرنى ئىزدەپ قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە 422 مىڭ كىشىنىڭ بىخەتەر جايلارغا يۆتكەلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

526620
شىددەتلىك بوران ئاپىتى خىتايغا ئېغىر زىيان سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  بوران ئاپىتى سەۋەبىدىن 450 مىڭ كىشى باشقا جايلارغا يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولدى.

خىتاينىڭ شەرقىي ساھىللىرىدا يۈز بەرگەن شىددەتلىك بوران ئاپىتىدە 2 كىشى ئۆلۈپ، 17 كىشى يوقۇلۇپ كەتتى.

شىنخۇا خەۋەر ئاگېنتلىقى، فۇجىئەن ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن ۋە سائەتلىك سۈرئىتى 100 كلومېتىرغا چىققان شىددەتلىك بوران ئاپتىدە يوقۇلۇپ كەتكەنلەرنى ئىزدەپ قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە 422 مىڭ كىشىنىڭ بىخەتەر جايلارغا يۆتكەلگەنلىكىنى يازدى.

خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مەسئۇللىرى خىتايدا 30 ئىيۇندىن بۇيان ئرزلۈكسىز يۈز بېرىۋاتقان شىددەتلىك يامغۇر، سەل ۋە تاغ غۇلاپ چۈشۈش قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەردە ئاز دېگەندىمۇ 164 كىشىنىڭ ئۆلگەنكىنى ئېلان قىلدى.  

شىددەتلىك بوران ئاپىتى سەۋەبىدىن تېز سۈرئەتلىك پويىز قانىشى توختىتىلدى.

تەيۋەندىمۇ جۈمە كۈنى «Nepartak» دەپمۇ ئاتىلىدىغان تەيفۇن بورىنى سەۋەبىدىن 2 كىشى ئۆلۈپ، 72 كىشى يارىدار بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر