مالايشىيانىڭ خىتايلار ئولتۇراقلاشقان رايونىدا پارتلاش يۈز بەردى

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مالايشىيانىڭ سېلانگور ئىشتاتىنىڭ خىتايلار زىچ ئولتۇراقلاشقان بىر رايونىدا پاتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

520114
مالايشىيانىڭ خىتايلار ئولتۇراقلاشقان رايونىدا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىر خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۈگۈن (28 – ئىيۇن) ئەتىگەن مالايشىيانىڭ سېلانگور ئىشتاتىنىڭ پۇچوڭ رايونىدا پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بەرگەن. پارتلاشتا، بىر خىتاي پۇقراسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىز كىشى يارىلانغان.

ئىگىلىنىشىچە، پۇچوڭ مالايشىيا پايتەختى كۇئالا لۇمپۇرغا يېقىن بولۇپ، خىتاي پۇقرالىرى زىچ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان سودا تەرەققىي قىلغان رايون ئىكەن.   

خەۋەردە، پارتلاشنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكى ۋە پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.

يەرلىك ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر دانە قول بومبىسى پارتلىغان.

 ئامېرىكا ئاۋازىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، تېلېۋىزوردا ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى كۆرسىتىلىۋاتقاندا يۈز بەرگەن.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر