سۈرىيەدە 25 ھىزبۇللاھ مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى

سۈرىيەدە ئۆكتىچىلەرنىڭ شېرىكى فەتىھ ئارمىيەسىگە قاراشلىق قىسىملارنىڭ ھىزبۇللاھ كۈچلىرىگە قاراتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە 25 شىئە ھىزبۇللاھ مىلىتانى ئۆلدى، 10 ى ئەسىر ئېلىندى.

271068
سۈرىيەدە 25 ھىزبۇللاھ مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ ئارىلىقتا، دەمەشق ئالدىنقى سېپىنىڭ ئاخبارات ئىشلىرى مەسئۇللىرىدىن ھۈسەيىن ناسىر، ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، دەمەشق ئالدىنقى سېپىگە قاراشلىق قىسىملارنىڭ ھەلەبنىڭ شىمالىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئى ش ئى د نىڭ كونىتروللۇقىدىكى شەھبا، ھاسىن، ھاسسىيە، ھاساجىك ۋە خوز يېزىلىرىنى قولغا كىرگۈزگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۆكتىچىلەر بىلەن ئى ش ئى د ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ناسىر، ئۆكتىچىلەرنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئى ش ئى د نىشانلىرىغا مىناميوت ۋە يېنىك قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر