ئامېرىكا پالاتاسىنىڭ 88 ئەزاسى ئىسرائىلىيەگە قىلىنغان ياردەملەرگە قارشى چىقتى

ئامېرىكا پالاتاسىنىڭ 88 ئەزاسى جو بايدىننى ئىسرائىلىيەگە بېرىلگەن ياردەمنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىرىق قىلدى.

2135506
ئامېرىكا پالاتاسىنىڭ 88 ئەزاسى ئىسرائىلىيەگە قىلىنغان ياردەملەرگە قارشى چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پالاتاسىدا دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ 88 ئەزاسى پەلەستىن پۇقرالىرىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ يېتىپ بېرىشىغا ئىسرائىلىيەنىڭ قەستەن توسقۇنلۇق قىلغانلىقى توغرىسىدا ئىشەنچلىك دوكلاتلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، پىرېزىدېنت جو بايدىننى ئىسرائىلىيەگە بېرىلگەن ياردەمنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىرىق قىلدى.

پالاتا ئەزالىرىدىن جەيسون كروۋ ۋە كىرىس دېلۇزىيو باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم دېموكراتچىلار گۇرۇپپىسى بايدىنغا ئورتاق ئىمزالىق مەكتۇپ يوللىدى.  

88 پالاتا ئەزاسى ئىمزا قويغان مەكتۇپتا: «ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى قەستەن توسۇپ قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر شۇنداقلا غەززەدىكى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۇسۇلىغا دائىر جىددىي ئەندىشىلىرىمىز داۋاملاشماقتا. نېتانياھۇ ھۆكۈمىتى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان غەززە رايونىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ كەلدى» دېيىلدى.

مەكتۇپتا ئامېرىكانىڭ چەتئەللەرگە ياردەم بېرىش قانۇنىنىڭ ئامېرىكا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ توشۇلۇشى ياكى تارقىتىلىشىنى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك چەكلىگەن ھەر قانداق دۆلەتكە ياردەم ياكى قورال سېتىشنى چەكلەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ مەسىلىدە چەكلەش خاراكتېرلىق قىلمىشلىرى بارلىقىغا يېتەرلىك پاكىتلارنىڭ مەۋجۇتلىقى تەكىتلەنگەن مەكتۇپتا يەنە، ئامېرىكا قوللىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىگە ئالاقىدار فېدېراتسىيە قانۇنىنىڭ ئاياق ئاستى قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مەكتۇپتا بايدىن ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەگە بېرىلگەن ياردەمنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىرىق قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر