شولز: پۇتىن خاتالاشقانلىقىنى بىلمەيۋاتىدۇ

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاپ، خەلقئارا تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدا خاتالىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

2143994
شولز: پۇتىن خاتالاشقانلىقىنى بىلمەيۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز «ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىنىڭ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىغا (چېگرانى زورلۇق بىلەن ئۆزگەرتمەسلىك، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، قوشنىسىغا تەھدىت سالماسلىق) بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

باش مىنىستىر شولزنىڭ قەيت قىلىىشىچە، پۇتىن « رۇسىيە ئىمپېرىيەسى» نى تىرىلدۈرۈپ، ئۇكرائىنا ۋە بېلارۇسىيەنى «قورچاق دۆلەت» كە ئايلاندۇرماقچىكەن.

ئۇ ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ:

«بۇ رەھىمسىز ئىمپېرىيە جاھانگىرلىك قىزغىنلىقنىڭ قەيەردە ۋە قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى پۇتىندىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. بىراق، رۇسىيە رەھبىرىنىڭ پىلانى نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ. چۈنكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرى ئۇكرائىنانىڭ ئەڭ چوڭ پۇل-مۇئامىلە ۋە ئىقتىسادىي ئىتتىپاقدىشى ھېسابلىنىدۇ. گېرمانىيە بۈگۈنگىچە ھەربىي ياردەم ئۈچۈن ئۆز ئالدىغا 28 مىليارد ياۋرو ئاجراتتى. گېرمانىيە بۇ جەھەتتە پەقەت ئامېرىكادىنلا كېيىن تۇرىدۇ.»

ئۇ بۇنىڭدىن باشقا يەنە، پۇتىننىڭ دېموكراتىك كۈچلەرنى ئۇكرائىنانى ئۇزۇن يىللارغىچە قوللىيالمايدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دەيدۇ:

«كۆپچىلىك پۇتىننىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۇكرائىنانى كەڭ كۆلەمدە قوللاشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، بۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىدىن باشلىشى كېرەك. بۇ ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىشنىڭ ئۆزىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەبلەغ سېلىش ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.

ئۇ ماقالىسىدە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتونىڭ رۇسىيە بىلەن زىددىيەتلەشمىگەنلىكىنى ۋە توقۇنۇشتا بىر تەرەپكە بىۋاسىتە يانباسمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئاخىرىدا، گېرمانىيەنىڭ ئۇكرائىنانى قوللايدىغانلىقىنى ۋە دۆلەت ئارمىيەسى (گېرمانىيە فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتى قوراللىق كۈچلىرى) نى ياۋروپادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى نىشان قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر