دۈزجەدە شىر سۈرەتلىك قەدىمكىي تاش تىزما رەسىم بايقالدى

دۈزجەگە جايلاشقان «Prusias ad Hypium» قەدىمكىي شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان قېزىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، دىيونيىسوس ئىبادەتخانىسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان شىر سۈرەتلىك تاش تىزما رەسىم تېپىلدى.

2065142
دۈزجەدە شىر سۈرەتلىك قەدىمكىي تاش تىزما رەسىم بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: كونۇرئالپ رايونىدىكى قەدىمكىي شەھەردە مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە مۇزېيلار ئىدارىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان قېزىپ تەكشۈرۈشلەر جەريانىدا،  يېڭى بايقاشلار ئوتتۇرىغا چىقتى.

تىياتىرخانىنىڭ ئۈستىدىكى رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان قېزىش ئەترىتى پورتو(ئالدى تەرىپىگە تۈۋرۈك قويۇلغان يېپىق، ئوچۇق رەسىمخانا) غا تۇتىشىدىغان قۇرۇلمىدا شىر سۈرەتلىك تاش تىزما رەسىمنى بايقىدى.

مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، يېڭىدىن بايقالغان تاش تىزما رەسىملىك ئۆي، رىم دەۋرىگە ئاىت  بىر چوقۇنۇش رايونى (يەنى بىر خەلق ياكى گۇرۇپپىنىڭ مەلۇم قىممەت قارىشى، ئېتىقادى، ئەنئەنە، سەنئەت ۋە باشقا مەدەنىيەت ئامىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئىپادىلەيدىغان رايون) غا ۋەكىللىك قىلىدىكەن.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر