خارۋارد ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پىروفېسسورى نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى

2023-يىللىق نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتى «ئاياللارنىڭ ئەمگەك كۈچىدىكى ئورنى» توغرىسىدىكى تەتقىقاتلىرى بىلەن تونۇلغان ئامېرىكالىق خارۋارد ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پىروفېسسورى كلاۋدىيا گولدىنغا بېرىلدى.

2048319
خارۋارد ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پىروفېسسورى نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2023-يىللىق نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتى «ئاياللارنىڭ ئەمگەك كۈچىدىكى ئورنى» توغرىسىدىكى تەتقىقاتلىرى بىلەن تونۇلغان ئامېرىكالىق پىروفېسسور كلاۋدىيا گولدىنغا بېرىلدى.

شىۋېتسىيە خان جەمەتى بىلىملەر ئاكادېمىيەسى بۇ يىللىق نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاكتىنىڭ  ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پىروفېسسورى كلاۋدىيا گولدىنغا بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكالىق پىروفېسسور گولدىن 77 ياشقا كىرگەن بولۇپ، باراۋەسىزلىك ۋە ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مەركەزلەشكەن تەتقىقاتلىرى، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىدىە مۇھىم رول ئوينىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر