ترابزوننىڭ ماچكا ناھىيەسىگە جايلاشقان سۈمەلا موناستىرىدا 10 – نۆۋەتلىك دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيەدىكى مۇھىم ئېتىقاد مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان سۈمەلا موناستىرىدا «مەريەم ئانىنىڭ كۆككە كۆتۈرۈلۈش كۈنى» دەپ قوبۇل قىلىنىدىغان مۇراسىم، ئورتودوكىسلار تەرىپىدىن فەنەر رۇم پاترىكى بارتولومېۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلدى.

2025074
ترابزوننىڭ ماچكا ناھىيەسىگە جايلاشقان سۈمەلا موناستىرىدا 10 – نۆۋەتلىك دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترابزونغا جايلاشقان سۈمەلا موناستىرىدا «مەريەم ئانىنىڭ كۆككە كۆتۈرۈلۈش كۈنى» دەپ قوبۇل قىلىنىدىغان مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمدا، خىرىستىيان دىنىي زاتلار دۇئا ۋە قەسىدىلەر ئوقۇدى. مۇراسىمغا، نۇرغۇن ساندا ئورتودوكىسلار قاتناشتى.

سۈمەلا موناستىرى ۋە خارابىلىكىدە مۇراسىم سەۋەبىدىن كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يولغا قويۇلدى.

فەنەر رۇم پاترىكى بارتولوموۋ سۆزلىگەن نۇتىقىدا يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە موناستىردىكى مۇراسىملارغا رىياسەتچىلىك قىلىشتىن تولىمۇ شەرەپ ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا، بولۇپمۇ بىزنىڭ بۇ يەردە بولۇشىمىزغا ياردەم قىلغان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىمىزغا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرىمىزغا، ۋالىي ۋە يەرلىك باشقۇرغۇچىلارغا مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. زىيارىتىمىز جەريانىدا زۆرۈر بولغان تەدبىرلەرنى يولغا قويغان ساقچى خادىملىرىغا رەھمەت ئېيتىمىز. بۈگۈن بىز ئۇلار ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلدۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر