تۈركىيەنىڭ ياش ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ماھىرلىرى ياۋروپادا 57 مېدالغا ئېرىشتى

مەملىكەتلىك تەنھەرىكەتچىلىرىمىز رۇمىنىيەنىڭ پايتەختى بۇخارېستتا ئۆتكۈزۈلگەن ياشلار ۋە 23 ياشتىن تۆۋەن ياۋروپا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 57 مېدالغا ئېرىشتى.

2020679
تۈركىيەنىڭ ياش ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ماھىرلىرى ياۋروپادا 57 مېدالغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئېغىرلىق كۆتۈرۈش فېدېراتسىيەسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، 23 تەنھەرىكەتچى بىلەن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىغا قاتناشقان دۆلەتلىك كوماندىمىز 21 ئالتۇن، 23 كۈمۈش ۋە 13 مىس مېدال بولۇپ، جەمئىي 57 مېدالغا ئېرىشكەن.

كۆز قاراشلىرى باياناتقا كىرگۈزۈلگەن تۈركىيە ئېغىرلىق كۆتۈرۈش فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى تالات ئۇنلۇ ياۋروپا چولپانلار لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدىن كېيىن ياشلارنىڭ زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تالات ئۇنلۇ، «بىز بارلىق ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تۈرلىرىدە دېگۈدەك مېدالغا ئېرىشتۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر