گېرمانىيە ئىسىرائىلىيەدىن قورال-ياراغ سېتىۋالىدۇ

گېرمانىيەنىڭ ئىسىرائىلىيەدىن «3-ئوقيا» (Arrow 3) ھاۋا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى سېتىۋالىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

2000245
گېرمانىيە ئىسىرائىلىيەدىن قورال-ياراغ سېتىۋالىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى گېرمانىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى سېتىپ بېرىش توغرىسىدا يازما ئېلان قىلدى.

باياناتتا، گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلەن فېدېراتسىيە پارلامنېت خامچوت ۋە مۇداپىئە كومىتېتلىرىنىڭ، ئىسرائىلىيە-ئامېرىكا بىرلىكتە ئىشلەپچىقارغان «3-ئوقيا» ھاۋا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى سېتىۋېلىش ئۈچۈن زۆرۈر رەسميەتلەرنى باشلاش توختامىنى تەستىقلىغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقى بايان قىلىندى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرى گېرمانىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى بىلەن سېتىۋېلىش كېلىشىمىنى نەتىجىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن سۆھبەتلىشىۋاتقان بولۇپ، ئىسىرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرى دائىملىق ئالاقىدە بولغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سېتىشنى تەستىقلىغاندىن كېيىن، گېرمانىيە تەرەپ توختامنى ئىمزالايدىكەن.

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىدارىسى ۋە ئىسرائىلىيە ئاۋىياتسىيە سانائىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان، باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى توسۇش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن «3-ئوقيا» نىڭ، دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار سىستېمىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئىسىرائىلىيە ۋە گېرمانىيە ئەمەلدارلىرى ھاۋا مۇداپىئە قالقان سىستېمىلىرىنى سېتىش-سېتىۋېلىش ئىشلىرى ئۈچۈن 2022-يىلى سېنتەبىردە ۋە 2023-يىلى ئاپرېلدا ئۆزئارا ئۇچراشقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر