تۈركىيەنىڭ «سەن قاق ئىشىكىمنى» ناملىق يۈرۈشلۈك فىلىمى رۇسىيەدە ئەڭ كۆپ  ئالقىشقا ئېرىشتى

تۈركىيەنىڭ «سەن قاق ئىشىكىمنى» ناملىق يۈرۈشلۈك فىلىمى رۇسىيەدە بۇ يىل (2022) ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا ئايلاندى.

1921780
تۈركىيەنىڭ «سەن قاق ئىشىكىمنى» ناملىق يۈرۈشلۈك فىلىمى رۇسىيەدە ئەڭ كۆپ  ئالقىشقا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە مۇلازىمەت شىركىتى <VK> نىڭ لايىھەسى بولغان «Kino Mail.ru» تور بېتىنىڭ ئاخبارات مۇلازىمىتى ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، رۇسىيە تاماشىبىنلىرىنىڭ بۇ يىلقى باھالاشتا تۈركىيەنىڭ بىر يۈرۈشلۈك فىلىمىگە ئەڭ كۆپ نومۇر بەرگەنلىكى  بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا: «<سەن قاق ئىشىكىمنى> ناملىق رومانتىك كومېدىيە فىلىمى  2022 - يىلنىڭ ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا ئايلاندى» دېيىلدى.

ئالتان دونمەزنىڭ رېژىسسورلىقىدا ئىشلەنگەن ۋە خاندە ئەرچەل بىلەن كەرەم بۇرسىن باش رول ئالغان بۇ يۈرۈشلۈك فىلىم تۇنجى قېتىم 2020 - يىلى قويۇلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر