ئېكۋادوردا يېنىك ئاتلىتكا ماھىرى قوراللىق ھۇجۇم بىلەن ئۆلتۈرۈلدى
ئېكۋادورلۇق يېنىك ئاتلىتكا ماھىرى ئالېكىس كۇئىنونېز قوراللىق ھۇجۇم بىلەن ئۆلتۈرۈلدى.
1724017
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېكۋادور ئولىمپىك كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 32 ياشلىق ئالېكىس كۇئىنونېزنىڭ گاياكۋىل شەھىرىدە بىر كوچىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
قىسقا مۇساپىلىق يۈگۈرۈش ماھىرى كۇئىنونېز 2012-يىللىق لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا 200 مېتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، 7-لىككە ئېرىشكەن ئىدى.
كۇئىنېز 2019-يىللىق دۇنيا يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدىمۇ 200 مېتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، مىس مېدالغا ئېرىشكەن ئىدى.