سەئۇدى ئەرەبىستاندابۈگۈندىن ئېتىبارەن ئۆمرە مەۋسۇمى باشلاندى

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھەج پائالىيەتلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۈگۈندىن ئېتىبارەن ئۆمرە مەۋسۇمىنىڭ باشلانغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1679689
سەئۇدى ئەرەبىستاندابۈگۈندىن ئېتىبارەن ئۆمرە مەۋسۇمى باشلاندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «SPA» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەسجىدى ھەرەم مۇئاۋىن باشلىقى سائاد بىن مۇھەممەد ئەلمۇخەيمىد كەبەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسجىدى ھەرەمنىڭ كوۋىد-19 غا قارشى تەدبىرلەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا ئۆمرە ۋە ئىبادەت ئۈچۈن كېلىدىغانلارنى قارشى ئېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ئەلمۇخەيمىد بۈگۈندىن باشلاپ ئۆمرە زىيارەتلىرى ئۈچۈن «Eatmarna)» پروگراممىسى ئارقىلىق ئىلتىماس سۇنغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھەج پەسلى جۈمە كۈنى ئاخىرلاشقان ئىدى.

كوۋىد -19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن ئۆتكەل يىلدىكىگە ئوخشاش بۇ يىلمۇ ھەج پائالىيىتى پەقەت سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشايدىغانلار بىلەنلا چەكلەنگەن ۋە چەتئەلدىن كەلگەن ھاجى نامزاتلىرى قوبۇل قىلىنمىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر