22.04.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1626264
22.04.2021

«‹ساباھ› گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مىنىستىر چاۋۇشئۇوغلۇنىڭ گىرېتسىيە مىنىستىرى دېندىياسقا ھەددىنى بىلدۈرۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس شۇنداقلا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە  ئالدىنقى ھەپتە پايتەخت ئەنقەردە زىيارەتتە بولغان گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ  مەنسەپدىشى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۈستىدە توختالدى. ئەردوغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ گىرېتسىيە مىنىستىرى نىكوس دېندىئاسقا ھەددىنى بىلدۈرۈپ، دەرس بېرىپ قويۇش خاراكتىرلىك سۆز قىلغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

«‹خەبەر تۈرك› گېزىتى»، «سودا مىنىستىرى مۇش، <بىردىنبىر مەقسىتىمىز 84 مىليون خەلقنىڭ باياشاتلىقىنى ئاشۇرۇش> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇش: «تۈركىيەنىڭ ئېكىسپورت سودىسىنىڭ ئېشىشى، ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچى ۋە  باياشاتلىق سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىدىغانننىڭ ھەممىنى قىلىشقا تىرىشىمىز. بىردىنبىر مەقسىتىمىز 84 مىليون خەلقنىڭ باياشاتلىقىنى ئاشۇرۇشتۇر» دېدى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»،  «بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۆلجۈرگەن ئېكسپورتى %333 ئاشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

يېڭى، توڭلىتىلغان ياكى قۇرۇتۇلغان شەكىلدە 29  دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىنىۋاتقان بۆلجۈرگەننىڭ ئومۇمىي ئېكسپورت نىسبىتى، 2021-يىلىنىڭ دەسلەپكى پەسلىدە  رېكورت يارىتىپ %333 ئاشتى. تۈركىيەنىڭ ئومۇمىي بۆلجۈرگەن ئېكسپورت سوممىسى 3 ئايدا ئەسلىدىكى 993 مىڭ دوللاردىن 4 مىليون 307 مىڭ دوللارغا يەتتى.

«‹ستار› گېزىتى»، «ياۋروپا تاجىنى ئىستانبۇل ئالىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئەنگىلىيەدە چىقىدىغان «The Independent» گېزىتى ساياھەت مۇخبىرى سىمون كالدېرنىڭ ماقالىسىدا، «ئاۋىئاتسىيە ئانالىزچىسى خىتروۋنىڭ « ياۋروپا تاجىنى ئىستانبۇلغا تارتقۇزۇپ قويىدۇ» دېگەنلىكىنى يازدى. كالدېرنىڭ ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى: «خەلقئارالىق قاتناش مەركەزلىرى كوۋىد -19 يۇقۇمىدىن كېيىن ئەسلىگە كەلگەنگە قەدەر، ئىستانبۇلنىڭ كاتتا ئايرودورۇمى ياۋروپا بويىچە ئەڭ كۆپ ئۇچۇش ئىشقا ئاشقان ئايرودورۇم بولۇپ ئېتىراپ قىلدۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىدىغاندەك قىلىدۇ»

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «بالىلار يوتۇبېسى <YouTube Kids> تۈركىيەدە ئاكتىپ ھالغا كەلتۈرۈلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

يوتۇبې نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە ئاكتىپ ھالغا كەلتۈرگەن «بالىلار يوتۇبېسى <YouTube Kids> ئەپ دېتالىنى تۈركىيەدىمۇ ئىشلىتىشكە سۇندى. بالىلارغا خاس مەزمۇنلار توپلانغان بۇ ئەپ مۇلازىمىتىدە، ياش دائىرىسىگە ماس ھالدا ھەر خىل سۈزگۈچلەرنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر