08.05.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

2136795
08.05.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى:  «‹سىتار› گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ گىرېتسىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە بەرگەن باياناتلىرى گىرېتسىيە مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ تەسىر قوزغىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى چاقىرىلغان ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن گىرېتسىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە بەرگەن باياناتلىرى گىرېتسىيە مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ تەسىر قوزغىدى.

گىرېتسىيە مەتبۇئاتلىرى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ گىرېتسىيە – تۈركىيە  مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ئىجابىي باياناتلارنى بېرىشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى، شۇنداقلا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بۇ باياناتلىرىنىڭ گىرېتسىيەگە قارىتا دوستلۇق قولىنى ئۇزىتىشتىنمۇ بەكرەك چوڭقۇر مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى يازدى.

«‹ھۆررىيەت› گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان  باياناتىدا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچىنىڭ ھاۋا ھەرىكىتى نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنىڭ بىلدۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى  مەھمەت فاتىھ قاچىرنىڭ، تۈركىيەنىڭ ئىككىنچى ئالەم ئۇچقۇچىسى تۇۋا جىنھانگىر ئاتاسەۋەرنىڭ  ئالەم ساياھىتىگە چىقىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا مۇنداق دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

 «ئىككىنچى ئالەم ئۇچقۇچىمىز تۇۋا جىنھانگىر ئاتاسەۋەرنىڭ ئالەم تەتقىقاتى ساياھىتى 2024-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يېڭى مېكسىكا ئىشتاتىدىكى ئالەم كېمىسى  مۇئەسسەسەلىرىدە باشلىنىدۇ.»

«‹ۋەتەن› گېزىتى»،  يانۋار، فېۋرال ۋە مارت ئايلىرىدا تۈركىيەگە 50 ساياھەت پاراخوتى بىلەن 61 مىڭ 113 يولۇچىنىڭ كەلگەنلىكىنى، بۇ 3 ئاي ئىچىدە ئەڭ كۆپ ساياھەت پاراخوتى ۋە يولۇچىلار كەلگەن پورتنىڭ «قۇشئاداسى پورتى» بولغانلىقىنى يازدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ 17 ۋىلايىتىنىڭ 1-ئايدىن 4-ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئېكىسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 1 مىليارد دوللاردىن ئاشقانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ مەزگىلدە تۈركىيەنىڭ 54 ۋىلايىتىنىڭ ئېكىسپورت ئومۇمىي سوممىسىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشقان.

ئىستانبۇل 4-ئايدا 4 مىليارد 75 مىليون دوللارلىق  ئېكىسپورت ئومۇمىي سوممىسى بىلەن ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر