بالقان زال ئىچى يېنىك ئاتلېتىكا چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدا تۈركىيە بىرىنچى بولدى

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن بالقان زال ئىچى يېنىك ئاتلېتىكا چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدا تۈركىيە جەمئىي 15 مېدالنى قولغا كەلتۈرۈپ بىرىنچى بولدى.

1587637
بالقان زال ئىچى يېنىك ئاتلېتىكا چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدا تۈركىيە بىرىنچى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاتاكۆي يېنىك ئاتلېتىكا تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدا تۈركىيە دۆلەتلىك كوماندىسى جەمئىي 7 ئالتۇن، 4 كۈمۈش ۋە 4 مىس مېدالغا ئېرىشنى.

18 دۆلەت قاتناشقان چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىدا تۈركىيە دۆلەتلىك تەنھەرىكەتچىلىرى جەمئىي 6 رېكورت ياراتتى.

بالقان چوڭلار زال ئىچى يېنىك ئاتلېتىكا چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىدىكى مېدال تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:

تۈركىيە 7 ئالتۇن، 4 كۈمۈش، 4 مىس مېدالغا، ئۇكرائىنا 4 ئالتۇن، 6 كۈمۈش ، 4 مىس مېدالغا، بۇلغارىيە 3 ئالتۇن، 1 كۈمۈش، 1 مىس مېدالغا، رۇمىنىيە 2 ئالتۇن، 5 كۈمۈش، 5 مىس مېدالغا، سىلوۋېنىيە 2 ئالتۇن، 3 كۈمۈش، 5 مىس مېدالغا، سېربىيە 2 ئالتۇن، 1 كۈمۈش، 1 مىس مېدالغا، ئالبانىيە 1 ئالتۇن، 1 كۈمۈش مېدالغا، ئەزەربەيجان، قاراتاغ ۋە شىمالىي ماكېدونىيە 1 دىن ئالتۇن مېدالغا،گرېتسىيە ۋە بوسنىيە گېرتسېگوۋىنا 1 دىن كۈمۈش، 1 دىن مىس مېدالغا، شىمالىي قىبرىس تۈرك جمھۇرىيىتى  1 كۈمۈش مېدالغا،كىرودىيە 2 مىس مېدالغا ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر