دۆلەتلىك چېلىشىش ماھىرىمىز ھەمزە بەكىر 130 كېلولۇقلار بويىچە ياۋروپا جېمپىئونى بولدى
دۆلەتلىك چېلىشىش ماھىرىمىز ھەمزە بەكىر ياۋروپا ياشلار گىرېكورومەن چېلىشىش چېمپىئونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.
1213943
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە چېلىشىش فېدېراتسىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئىسپانىيەنىڭ پونتېۋېدرا شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقان ياۋروپا ياشلار گىرېكورومەن چېلىشىش چېمپىئونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدا دۆلەتلىك چېلىشىش ماھىرىمىز ھەمزە بەكىرنىڭ 130 كېلولۇقلار بويىچە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىغا چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ھەمزە بەكىر رۇسىيەلىك رەقىبى ئوسمان شادوۋنى 0 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، ياۋروپا جېمپىئونى بولدى.