مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئانگولا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئانگولا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مانۇئېل دومىڭگوس ئاگۇستو بىلەن ئانتاليادا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

1182677
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئانگولا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋشئوغلۇ تىۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئانگولادىن دۆلىتىمىزگە زىيارەتكە كەلگەن تۇنجى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مانۇئېل دومىڭگوس ئاگۇستونى ئانتاليادا مېھمان قىلىشتىن خۇشاللىق ھېس قىلىمىز. تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ بىۋاستە قاتنىشى، ئېنېرگىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر