ئەنقەرەدە ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسى جايلاشقان كوچىنىڭ ئىسمى « Malcolm X» قا ئۆزگەرتىلدى
پايتەخت ئەنقەرەنىڭ «چۇقۇرئامبار مەھەللىسى» دە قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ باش ئەلچىخانىسى جايلاشقان كوچىنىڭ ئىسمى « Malcolm X» قا ئۆزگەرتىلدى.
1067962
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنقەرە شەھەرلىك ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «چانكايا ناھىيەسىگە جايلاشقان <چۇقۇرئامبار مەھەللىسى> دىكى 1478 – كوچىنىڭ ئىسمىنىڭ < Malcolm X > قا ئۆزگەرتىلىشىگە ئالاقىدار <ئىسىم قويۇش كومىتېتى> نىڭ دوكلاتى بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى.»
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «ئىسمىنى ئەنقەرەدە ياشىتىمىز» دېگەن ئامېرىكىلىق مۇسۇلمان سىياسىيون ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى « Malcolm X» نىڭ ئىسمى، ئەنقەرەنىڭ «چۇقۇرئامبار مەھەللىسى» دە قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ باش ئەلچىخانىسى جايلاشقان 1478 – كوچىغا بېرىلدى.