تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ يېپىق تەنتەربىيە مەركىزى بۇرسادا قەد كۆتۈرمەكتە

بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 34 مىڭ كۋادىرات مېتىر كېلىدۇ.

916012
تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ يېپىق تەنتەربىيە مەركىزى بۇرسادا قەد كۆتۈرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ يېپىق تەنتەربىيە مەركىزى بۇرسانىڭ يىلدىرىم ناھىيەسىدە بىنا قىلىنماقتا. 

ياشلار ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى ۋە بۇرسا ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باشچىلىقىدا تېز سۈرئەتتە ياسىلىۋاتقان «يىلدىرىم ياشلار ۋە تەنتەربىيە مەركىزى» خەلقئارالىق مۇسابىقە زاللىرى ۋە باشقا بىر قانچىلىغان زالدىن تەركىپ تاپىدۇ.

ياسىدىغان بىنانىڭ كۆلىمى 7999 كۋادىرات مېتىر بولۇپ،  بىنا سالىدىغان مەيداننىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 22 مىڭ 5125 كۋادىرات مېتىر ۋە ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 34 مىڭ كۋادىرات مېتىر كېلىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش پۈتكەندە تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تەنتەربىيە مەركىزىگە ئايلىنىدۇ.

مەملىكەت بويىچە تەنتەربىيەنىڭ ئاساسلىق مەركىزىگە ئايلىنىش ئالدىدا تۇرغان بۇ كاتتا مەركەزدە، 2500 تاماشىبىن سىغىدىغان ۋە كۆپ خىل مەقسەتكە ئىشلەتكىلى بولىدىغان تەنتەربىيە زالى، يېرىم ئولىمپىك سۇ ئۇزۇش مۇسابىقىسى زالى، ياشلار مەركىزى، خۇسۇىي مەشىق زاللىرى، ئولىمپىك ئۆلچەملىرىگە ئىگە گىماناستېكا زاللىرى، ساغلام تۇرمۇش ۋە باشقۇرۇش مەركەكلىرى، يۈرۈش يوللىرى ۋە كۆڭۈل ئېچىش ساھەلىرى، ئەقىل ئويۇنلىرى مەركىزى، كومپىيوتېر، مۇزىكا، پىلاستىك سەنئەتلەر، فولكىلور، رەسىم ۋە فوتو سۈرەت مەركەزلىرىمۇ ئورۇن ئالىدۇ.  

بۇ چوڭ قۇرۇلۇشنىڭ %70 نى مۇشۇ يىل پۈتكۈزۈپ، يەنە مۇشۇ يىل ئىچىدە خىزمەتكە ئېچىش پىلانلانماقتا. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر