تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 24.11.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

854302
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 24.11.2017

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: خەبەر تۈرك گېزىتى، «ئافرىنغىمۇ ئىدلىب مودېلى»  سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3 تەرەپ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۇچرىشىشىدىن قايتىش جەريانىدا ئۇچرىشىشنىڭ تەپسىلاتىنى ھەمبەھىرلەشتى. ئەردوغان: «رۇسىيە فېدېراتسىيەسى، ئىران ۋە تۈركىيە ئۈچىمىز باشلىغان ئاستانا مۇزاكىرىلىرىنىڭ ئاخىرقى ئەھۋالىغا قاراپ چىقىش مەقسىتىدە سوچىدا يىغىن ئۆتكۈزدۇق. توقۇنۇشىسز رايونلار قۇرۇلدى ھەم قۇرۇلماقتا. ئىدلىبتە ئۈستىمىزگە ئالغان مەسئۇلىيەتنى ئورۇندىماقتىمىز. ئۇ يەردە قۇرۇپ چىقىشنى ئۈستىمىزگە ئالغان 12 تەكشۈرۈش ۋە كۆزىتىش نۇقتىسىدىن 3 نى پۈتكۈزدۇق. سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە سىياسىي بىرلىكى جەھەتتە ئورتاق قارىشىمىز بار. ئاساسلىق مەقسىتىمىز سۈرىيە خەلقى قوبۇل قىلىدىغان، ئۇزۇن مۇددەتلىك، ئېتىبارغا لايىق  سىياسىي ھەل قىلىش چارىسىدۇر. سۈرىيە مەملىكەتلىك دىيالوگ كونگرەسى مەسلىسىنىمۇ ئەتراپلىق مۇزاكىرەلەشتۇق. كونگرەگە كىملەرنىڭ تەكلىپ قىلىنىشىغا 3 دۆلەت بىرلىكتە قارار ماقۇللايمىز. كونگرەگە سۈرىيەدىكى بارلىق گۇرۇپپا ۋە تەبىقىلەرنىڭ تەكلىپ قىلىنىشىنى پىلانلىماقتىمىز. بىزنىڭ پ ي د غا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا نىسبەتەن كەسكىن پوزىتسىيەمىز ئىنتايىن ئېنىقتۇر» دېدى.

يېڭى شەپەق گېزىتى، «تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يەرلىك ۋە مىللىي قورال سىستېمىلىرى ئىنتايىن كۈچلۈك» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يەرلىك ئىشلەپچىقىرىلغان قورال سىسېتىمىلىرى كۈچلەندۈرۈلمەكتە. مىللىي ئۇرۇش ئايروپىلان لايىھەسى بىلەن  ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىقىنىڭ 2030 – يىلىدىن كېيىنكى ھاۋا ئۇرۇشى ئېھتىياجى قامدىلىنىدىغان بولدى. ئۆزگىچە كۆرۈنۈشى بىلەن ئالاھىدە دىققەتلەرنى تارتقان بۇ لايىھە دائىرىسىدە ئايروپىلاننىڭ تۇنجى ئۇچۇشى 2023 – يىلى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. دۆلەتنىڭ ئىمكانىيەتلىرىگىلا تايىنىپئىشلەپچىقىرىلغان 3435 دانە «MPT-76» تىپلىق قورال ئارمىيەگە رەسمىي تاپشۇرۇلدى. يىل ئاخىرىغىچە بۇ قورالدىن يەنە 7000 دانىسى ئارمىيەگە تاپشۇرۇلىدۇ.

ھۆررىيەت گېزىتى،  «كاتتا فېستىۋال» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇلارنى ئورتاقلاشتى:

تېخنىكا ۋە ئاپتوموبىل ساھەسىنىڭ ئۆزئارا گىرەلىشىپ كېتىشى نەتىجىسىدە خەلقئارالىق نۇقتىدىن «ئاپتوموبىل فېستىۋالىمۇ بولامدۇ؟» دېگەندەك ئىنكاسلار چۈشۈۋاتقان بىر مەزگىلدە، 3 چوڭ شىركەت پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر فېستىۋال ھەمكارلىقىنى جاكارلىدى. فىرانكفورد ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىنىمۇ ئۆزى رەتكە سالغان شۇنداقلا 777 يىللىق ئۆتمۈشى بىلەن دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمكىي يەرمەنكە پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرغۇچىسىھېسابلىنىدىغان گېرمانىيەنىڭ «Messe Frankfurt» شىركىتى بىلەن، ئەنگلىيەنىڭ ئاتاقلىق فېستىۋال شىركىتى «Goodwood» ۋە تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئىجارە شىركىتى «Intercity» قاتارلىق 3 چوڭ شىركەت دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭى بولۇش ئالدىدا تۇرغان بىر فېستىۋال كېلىشمىگە ئىمزا قويدى. بۇ 3 چوڭ شىركەتنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن 2018 – يىلى سېنتەبىردە«Festival of Motoring» نامى بىلەن ئىستانبۇلدىكى «Intercity» باغچىسىدا، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل ۋە موتوسىكلىت يەرمەنكىسى ھەمدە فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى. 

ساباھ گېزىتى، «بۇغداي ناملىق فىلىمگە ھەشەمەتلىك تونىتىش مۇراسىمى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

سەمىھ قاپلانئوغلۇ رېژىسورلۇقىنى قىلغان ۋە كۈتۈلمىگەن بىر كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن ئىنسانلار دۇچ كەلگەن ئاچارچىلىق تېما قىلىنغان «بۇغداي» ناملىق فىلىمنىڭ تونىتىش مۇراسىمى جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى. تونتىش مۇراسىمىغا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بىرگە باش مىنسىتىر بىنالى يىلدىرىممۇ ئىشتىراك قىلدى. ئەردوغان سۆز قىلىپ، «مۇھىتقا زىيان سالىدىغان ھەر قانداق تېخنىكا؛ ئىنسانغا قارىتىلغان بىر قورالغا ئوخشايدۇ» دېدى.

ۋەتەن گېزىتى، «2024 - يىلى تۈركىيەنىڭ بولۇشى مۇمكىن» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجراتتى: 

خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلىكى «FIFA»غا ئەزا فېدېراتسىيەلەرنىڭ باشلىقىلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلىكى «FIFA»نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندىن كېيىن، خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلىكى «FIFA»نىڭ باشلىقى گىئاننى ئىنفانتىنو تۈركىيەنىڭ 2024 – يىللىق ياۋروپا پۇتبول چىمپېيونلۇقى مۇسابىقىلىرىغا ساھىبخان نامزاتلىقى بولغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ، «ساھىبخاننىڭ كىم بولىدىغانلىقى ھەققىدە قارار ماقۇللاش مېنىڭ ۋەزىپەم ئەمەس، ئەمما تۈركىيە 2024- يىللىق نامزاتلىقىدا ئالتۇن ياكى كۈمۈش مېدالغا ئېرىشىدۇ، تۈركىيە يا 1 – ياكى 2 – بولىدۇ. تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ئۇل – ئەسلىھە خىزمەتلىرىدىن ۋە يېڭى تەنتەربىيە زاللىرىدىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم. تۈركىيە بىر پۇتبول دۆلىتى. تۈركىيەنىڭ  2024 – يىللىق ياۋروپا پۇتبول چمپېيونلۇق مۇسابىقىسىنىڭ ساھىبخانلىقىغا نامزات بولغانلىقى مۇھىم بىر ئىش، تۈركىيە تولىمۇ ياخشى ساھىبخان بولالايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر