«تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» ئەرەب تور بېتىدە تارقىتىلىدۇ
ئەرەبچە مەشغۇلات ئېلىپ بارىدىغان «‹ ALNOOR › تور بېتى» بىلەن TRT ئەرەبچە ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېلىشىمگە ئاساسەن، ئەرەب دۇنياسى ئىنتايىن قىزىقىدىغان «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» قاتارلىق TRT قاناللىرىدا قويۇلۇۋاتقان بەزى تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى «‹ ALNOOR › تور بېتى» بىلەن بىرلا ۋاقىتتا تارقىتىلىدىكەن.
TRT ئەرەبچە قانىلىنىڭ تور بېتىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، «‹ ALNOOR › تور بېتى» كېلىشىمگە ئاساسەن TRT نىڭ بەزى تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى تۈركچىدىن ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىش ۋە بىرلا ۋاقىتتا تارقىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.
تۈركىيەدە تارقىتىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلىدىغان تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئارىسىدا «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل»، «پايتەخت ئابدۇلھېمىد» ۋە يېقىندا تارقىلىدىغان «كۈرتۇل ئامارە» قاتارلىقلار بار ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گېرمانىيەدە بىر قەھۋەخانىدا پارتلاش يۈز بەردى
گېرمانىيەنىڭ كۆلىن شەھىرىدىكى بىر قەھۋەخانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئىككى كىشى يېنىك يارىلاندى.