ئامېرىكىلىق چولپانلارنىڭ تۈركىيەگە كېلىش مەسىلىسى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكىلىق چولپانلارنىڭ تۈركىيەگە كېلىشتە قىيىنچىلىققا يولۇقماسلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

831522
ئامېرىكىلىق چولپانلارنىڭ تۈركىيەگە كېلىش مەسىلىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلىدىغان 54 – نۆۋەتلىك خەلقئارا ئانتاليا فىلىم فېستىۋالىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان ئامېرىكىلىق چولپانلاردىن كىنو ۋە تىياتىر ئارتىسى كرىستوفېر ۋالكېن، ئاكترىس جۇلىئېت لېۋىس، فېستىۋالنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان ئارتىس مات دىللون بىلەن لىندساي لوھاننىڭ ۋىزا  ئېلىشتا قىيىنچىلىققا يولۇقماسلىقى ئۈچۈن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

بۇ دائىرىدە، مەزكۇر چولپانلارغا تۈركىيەگە كىرىشى جەريانىدا قولايلىق يارىتىپ بېرىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ ۋىزا ئېلىشى قاتارلىق ئىشلىرىدا قىيىنچىلىققا يولۇقماسلىقى ئۈچۈن بىرقاتار تەدبىرلەر ئېلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر