ھېراقلېس تاش گروب تۈركىيەدە
تەخمىنەن 50 يىل ئىلگىرى چەت ئەلگە ئوغرىلاپ كېتىلگەن ھېراقلېس تاش گروب مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە شىۋېيتسارىيەدىن تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىندى.
807094
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانتاليانىڭ ئاقسۇ ناھىيەسىدىكى قەدىمىي پېرگې شەھىرىدە ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى داۋامىدا تېپىلغاندىن كېيىن چەت ئەلگە ئوغرىلاپ كېتىلگەن ھېراقلېس تاش گروب مىنىستىرلىق دائىرىلىرى تەرىپىدىن جەنۋەدە تاپشۇرۇۋېلىندى.
جەنۋە ئۇنىۋېرسىتېتىدىمۇ كۆرگەزمە قىلىنغان تاش گروب تۈنۈگۈن زۇرىختىن تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە ئائىت يۈك ئايروپىلانى بىلەن ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىغا ئېلىپ كېلىندى.
ئىگىلىنىشىچە، ئالاھىدە بىر ساندۇقتا ساقلانغان ھېراقلېس تاش گروب ئايروپىلان بىلەن ئانتالياغا كەلتۈرۈلۈپ، ئانتاليا مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گېرمانىيەدە بىر قەھۋەخانىدا پارتلاش يۈز بەردى
گېرمانىيەنىڭ كۆلىن شەھىرىدىكى بىر قەھۋەخانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئىككى كىشى يېنىك يارىلاندى.