تۈركىيە شاھمات ئۆگىتىشتە 1 – ئورۇندا تۇرىدۇ

ئاتاقلىق شاھمات ماھىرى كارپوۋ، تۈركىيەدە شاھمات مۇسابىقىلىرىنىڭ ئىنتايىن ياخشى تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

674774
تۈركىيە شاھمات ئۆگىتىشتە 1 – ئورۇندا تۇرىدۇ


تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە رۇسىيەلىك شاھمات ماھىرى كارپوۋ، شاھمات ئۆگىتىشتە تۈركىيەنىڭ 1 – ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى دۇما پارلامېنت ئەزاسى كارپوۋ، رۇسىيە ئاخباراتلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، «تۈركىيەدە شاھمات مۇسابىقىلىرى ئىنتايىن ياخشى تەرەققىي قىلماقتا. بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە شاھماتتا تەربىيەلەش جەھەتتىن 1 – ئورۇندا تۇرىدۇ» دېدى.

كارپوۋ ئۆز دۆلىتى رۇسىيەدە بولسا، شاھمات دەرسىنىڭ ھەممە مەكتەپتە چوقۇم بولۇشى لازىملىقىنى ئېيتتى. 

ئاناتولىي كارپوۋ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئاتاقلىق 10 شاھمات ماھىرى قاتارىدا ھېسابلىنىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر