كانادادا جامەلەر داۋاملىق ھۇجۇمغا ئۇچرىماقتا

كانادانىڭ ئالبېرتا ئىشتاتىغا قاراشلىق كالگەرى شەھىرىدە مۇسۇلمانلارغا ئائىت ئىبادەتخانىلار داۋاملىق ھۇجۇمغا ئۇچرىماقتا.

591054
كانادادا جامەلەر داۋاملىق ھۇجۇمغا ئۇچرىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كالگەرى شەھىرىدە 10 – ئۆكتەبىر كۈنى جەنۇبىي كالگەرى ئىسلام مەركىزى جامەسى ھۇجۇمغا ئۇچرىغانىدى. تۈنۈگۈنمۇ يەنە شەھەرنىڭ غەربىدىكى رانچلاندس جامەسى تاشلىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، دەرىزە ئەينەكلىرى چېقىلىپ كەتتى.

غەربىي شىمالىي كالگەرى ئىسلام جەمئىيىتىگە ئائىت رانچلاس جامەسى كومىتېتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ھۇجۇمنىڭ بامداد نامىزى ئۈچۈن جامەگە كەلگەن ئىمام ۋە جامائەت تەرىپىدىن ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

غەربىي شىمالىي كالگەرى ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى دوكتور ئابدۇرراھمان بۇ ھەقتە توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «مەھەللىمىزدىكى قوشنىلىىرمىز بىلەن خۇشپېئللىقنى چىقىش نۇقتا قىلغان ھالدا ئىناق ياشاۋاتىمىز. ھازىرغىچە بۇنداق ھۇجۇمنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغۇدەك ھېچقانداق كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەرمىگەنىدى. چۈنكى جەمئىيىتىمىزنىڭ ئىشىكلىرى ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ۋە ھەر خىل دىنلارغا مەنسۇپ ئىنسانلارغا ھەمىشە ئوچۇق ئىدى. بۇ جامەگە ۋە بارلىق ئىبادەتخانىلارغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى ئەيىبلەيمىز. جاۋابكارلارنىڭ دەرھال تېپىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»

زوراۋانلارنى ئۆتكەن ھەپتىمۇ غەربىي شىمالىي كالگەرى ئىسلام جەمئىيىتى جامەسىگە ھۇجۇم قىلىپ، كىرىش ئېغىزىنىڭ ئەينەكلىرىنى چېقىپ، قۇرئان كەرىمگە ئوت قويۇپ بېرىپ ۋە نەپرەتلىك بىر مەكتۇپنى قالدۇرۇپ قويۇپ، قېچىپ كەتكەنىدى.

بۇ ئارىلىقتا، مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا كالگەرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەركىزى قورۇسىدا يۈز بەرگەن ئىسلامغا قارشى يەنە بىر ھەرىكەتتىمۇ قورۇنىڭ 40 جايىغا ئىسلامغا، قۇرئان كەرىمگە ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تىل – ھاقارەت قىلىنغان خەتلەر چاپلانغانىدى.

شەھەردە ئۆتكەن ئىيۇل ئېيىدىمۇ مېتروغا مۇسۇلمانلار ۋە سۈرىيەلىك كۆچمەنلەرگە ھاقارەت قىلىنغان خەتلەرنى يازغان بىر كىشى بىخەتەرلىك كامېرالىرى سايىسىدا قولغا چۈشكەن ۋە 8 ئايلىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر