ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پەنچە قۇلۇپ ھەرىكىتى رايونىدا بىر ئەسكەرىمىز شېھىت بولدى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ سىڭىپ كىرىش ئۇرۇنۇشى جەريانىدا پىيادە كېلىشىملىك ئەسكەر ئەر ماشائاللاھ ئاباكاينىڭ شېھىت بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2189979
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پەنچە قۇلۇپ ھەرىكىتى رايونىدا بىر ئەسكەرىمىز شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتتا، «بىزنى چوڭقۇر ئازاب ۋە قايغۇغا چۆمدۈرگەن بۇ ۋەقەدە قازا قىلغان ئەزىز شېھىدىمىزگە ئاللاھتىن رەھمەت، قايغۇلۇق ئائىلىسىگە، تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىغا ۋە ئېسىل مىللىتىمىزگە سەۋر تىلەيمىز» دېيىلدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەرمۇ ئېلان قىلغان باياناتىدا،  ئاباكايغا ئاللاھتىن رەھمەت، ئائىلىسى ۋە تۈركىيە خەلقىگە سەۋر تىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر