ئىرانلىق ئايال ئاكادېمىك قولغا ئېلىندى

كانادانىڭ كونكوردىئا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پىنسىيەگە چىققان ئىرانلىق ئايال ئاكادېمىك ھوما ھۇدفېر ئىراندا ئىرانغا قارشى مەلۇم بىر دۆلەت بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى.

508438
ئىرانلىق ئايال ئاكادېمىك قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىرانلىق ئاياللارنىڭ پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش مەقسىتىدە ئىرانغا كەتكەن ھوما ھۇدفېرغا چەت ئەلگە چىقىش چەكلىمىسىمۇ قويۇلدى.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون بېرد بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھۇدفېرنىڭ مەسىلىسىنىڭ كاناداغا نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، «ئىسلامدا جىنسىيەت» تېمىسىدا مۇتەخەسسىس بولغان ھۇدفېرنىڭ ئېلان قىلىنغان تەتقىقات دوكلاتلىرى ۋە ماقالىلىرى بار ئىكەن.

كانادا – ئىران مۇناسىۋەتلىرى 2003 – يىلى زەھرا كازەمى ئىسىملىك كانادالىق بىر ژۇرنالىستنىڭ قولغا ئېلىنىپ، سوراق قىلىنىش جەريانىدا بېشىغا تەككەن زەربە سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەندىن بۇيان ياخشى ئەمەس ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر