ئەبۇ ئوبەيدە بىر توپ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنى ئەسىر ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ھاماس ھەرىكىتىنىڭ قوراللىق قانىتى ئىززىددىن ئەلقاسسام بىرىگادالىرى غەززەدە ئېلىپ بارغان ھەرىكىتى جەريانىدا تۇزاققا چۈشۈرگەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىدىن يېڭى ئەسىرلەرنى ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2144250
ئەبۇ ئوبەيدە بىر توپ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنى ئەسىر ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ebu-ubeyde-rakete-su-dostavile-poruku-palestinaca_trt-bosanski-12102.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلقاسسام بىرىگادالىرى باياناتچىسى ئەبۇ ئوبەيدە سىنلىق باياناتىدا: «شەنبە كۈنى (25 - ماي)  كەچتە ئەلقاسسام جەڭچىلىرى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنى جىبالىيە پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدىكى بىر تونېلغا قىزىقتۇرۇپ، مۇرەككەپ بىر ھەرىكەت ئېلىپ باردى» دېدى.

جىبالىيە پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدىكى تونېللارنىڭ بىرىدە بىر توپ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنى قورشىۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەبۇ ئۇبەيدە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن نول مۇساپىدىن توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە ياردەمچى قىسىملارنىڭ پارتىلاتقۇچلار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەبۇ ئۇبەيدە تونىلغا كىرگەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن چىققان توقۇنۇشتا، ئۇجۇقتۇۇرلغان، يارىلانغان ۋە ئەسىر ئېلىنغانلار بولۇپ، ھەممىسىنىڭ قولغا چۈشكەنلىكىنى ھەمدە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلەرنىڭ قولىدىكى ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭمۇ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەبۇ ئۇبەيدە سۆز قىلىۋاتقان پەيتتە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھەربىي فورمىلىرى، قالپاق ۋە قوراللىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى ھەمبەھىرلەندى ھەمدە شۇ ئەسنادا تونېلدىكى ھەرىكەتتە ئۇجۇقتۇرۇلغان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنى باشقا يەرگە يۆتكەۋاتقانلىقىمۇ كۆرسىتىلدى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ 27 – ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەگە قىلغان قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى جەريانىدا، تۇنجى قېتىم ئەسىر ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئەسىرگە ئېلىنغان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ سانى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى باياناتچىسى دانىي خاگارى بولسا، ئەسكەرلەرنىڭ ئەسىرگە ئېلىنغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر