76 مىليون شوپۇرسىز ئاپتوموبىل يوللاردا بولىدۇ
2035 – يىلغىچە 76 مىليون شوپۇرسىز ئاپتوموبىل يوللاردا بولىدۇ.
508436
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى ئامېرىكىدىكى خەلقئارا ئۇچۇر – ئالاقە، ئانالىز ۋە مەسلىھەتچىلىك شىركىتى IHS 2035 – يىلغىچە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 76 مىليون شوپۇرسىز ئاپتوموبىلنىڭ يوللاردا بولۇشىنىڭ كۈتۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.
IHS تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پەقەت 2035 – يىلىلا 21 مىليون شوپۇرسىز ئاپتوموبىل سېتىلىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى، قاتناش ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يېڭىچە قاتناش قائىدىلىرىگە ئېھتىياج بارلىقى ئەسكەرتىلدى.