فاتىھ بۇرغىلاش پاراخوتى قارا دېڭىزدا بۇرغىلاش خىزمىتىنى باشلىدى
تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىزدىكى تەبىئىي گاز ۋە نېفىت چارلاش خىزمەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.
2143315
![فاتىھ بۇرغىلاش پاراخوتى قارا دېڭىزدا بۇرغىلاش خىزمىتىنى باشلىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/2995/25c7/ed85/664ef90f7f503.jpg?time=1719254433)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ «فاتىھ» ناملىق بۇرغىلاش پاراخوتى «گۆكتەپە-2» قۇدۇقىنى كولاشقا باشلىدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپارسلان بايراقتار ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا بۇ ھەقتە ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «قارا دېڭىزدا يېڭى بايقاشلارغا يەلكەن ئېچىۋاتىمىز. <فاتىھ> ناملىق بۇرغىلاش پاراخوتىمىز ساكاريا تەبىئىي گازلىقىدىكى <گۆكتەپە-2> قۇدۇقىنى كولاشقا باشلىدى. بىز بىر تەرەپتىن ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرساق، يەنە بىر تەرەپتىن، يېڭى ساھەلەردىكى چارلاش خىزمەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/74b5/efb2/3a9b/666a9d4a83e85.jpg?time=1719254433)
تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ
تۈركىيە يېڭى نېفىت ساھەلىرىدە نېفىت ئىزدەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.