پۇتىننىڭ مەسلىھەتچىسى پېسكوۋنىڭ قىزىنىڭ تۈركىيە سۆيگۈسى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى مەسلىھەتچىسى تۈركولوگ دمىترى پېسكوۋنىڭ ئەنقەرەدە تۇغۇلغان قىزى لىزا پېسكوۋا تۈركىيە – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسنىڭ ھەممىدىن بەكرەك ئادەتتىكى ئىنسانلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى.

507605
پۇتىننىڭ مەسلىھەتچىسى پېسكوۋنىڭ قىزىنىڭ تۈركىيە سۆيگۈسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىزا تۈركىيەدىكى بىر گېزىتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «كىملىكىمدە تۇغۇلغان جايىمنىڭ ئەنقەرە ئىكەنلىكى يېزىقلىق. شۇڭا تۈركىيە ماڭا نىسبەتەن رۇسىيەگە ئوخشاشلا ۋەتىنىم ھېسابلىنىدۇ. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىس مېنىڭ قارىشىمنى ئۆزگەرتەلمىدى. بۇ كىرىزىسنىڭ تۈركىيە ھەم رۇسىيە خەلقىگە تەسىر كۆرسىتىشى ماڭا ئوخشىغان تۈركىيە دوستلىرىنىڭ كۆڭلىنى قاتتىق بىئارام قىلماقتا. موسكۋادىكى ئۆيىمىز خۇددى كىچىكتىلگەن تۈركىيەگە ئوخشايدۇ. دادام دمىترىمۇ، بوۋام ۋلادىمىرمۇ تۈركولوگ. دادام شەرق تىللىرى ئىنىستىتۇتىدا، بوۋام موسكۋا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى تۈركچە بۆلۈمىدە ئوقۇغان. دادام رۇسىيەنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا مەن دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمەن. ئائىلەمنى تۈرك ئائىلىسى دېسەم ھەرگىزمۇ كۆپتۈرۈۋەتكەن بولمايمەن.»

ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تۈرك رومانىنىڭ رەشات نۇرى گۈنتەكىننىڭ «چالىقۇشۇ» رومانى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن لىزا ناخشىچىلاردىن تاركان، ئايلا چەلىك ۋە مۇستافا جەجەلى قاتارلىقلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پېسكوۋا تۈركىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر