يەرلىك ئاپتوموبىل <توگ> فېۋرالدا تۈركىيەدە ئەڭ كۆپ سېتىلغان توكلۇق ئاپتوموبىلغا ئايلاندى
تۈركىيەدە فېۋرالدا توكلۇق ئاپتوموبىل بازىرىدىكى سېتىش نىسبىتى بويىچە ئالاھىدە ئۈستۈنلۈك بىلەن بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە فېۋرالدىكى «تولۇق توكلۇق» ئاپتوموبىل سېتىش سانى 4713 دانە بولدى.
يەرلىك ئاپتوموبىل <توگ> %25.48 لىك بازار ئۈلۈشىنى داۋاملاشتۇردى.
توكلۇق ئاپتوموبىل ماركىلىرى ئارىسىدا يۇقىرى ئۆرلەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان <توگ> فېۋرالدا 1201 دانە سېتىلدى.
<توگ> دىن قالسىلا 523 دانە سېتىش بىلەن BMW ئىككىنچى، 510 دانە سېتىش بىلەن Ssangyong ئۈچىنچى، 321 دانە سېتىش بىلەن Mercedes-Benz تۆتىنچى، 281 دانە سېتىش بىلەن Opel بەشىنچى بولدى.
تېسلا (Tesla) بولسا، 75 دانە سېتىش بىلەن تىزىملىكتە 11- بولدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، مودېل بويىچە باھالىغاندا، Togg T10X ئەڭ كۆپ سېتىلغان مودېل بولدى.
<توگ> دىن قالسىلا Ssangyong Torres ئىككىنچى، BMW 5 ئۈچىنچى، BYD Atto تۆتىنچى ۋە MG MG4 بەشىنچى بولدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى
گوللاندىيەنىڭ «ئوستېردام» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە كەلدى.