گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى
گوللاندىيەنىڭ «ئوستېردام» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە كەلدى.
2140619
![گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/fb50/9cc4/a2da/6645c88dd2b25.jpg?time=1718432530)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇزۇنلۇقى 285 مېتىر كېلىدىغان، كۆپىنچىسى ئامېرىكالىقلاردىن تەشكىل تاپقان 1976 يولۇچى ۋە 785 خادىم ئولتۇرغان ساياھەت پاراخوتى ئەتىگەن تەرەپلەردە ئالانيا پورتىغا كەلدى.
ساياھەتچىلەر تاموژنا رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، پاراخوتتىن چۈشۈپ تارىخىي ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدى، نەرسە - كېرەك سېتىۋالدى، رېستوران ۋە قەھۋەخانىلاردا ۋاقىت ئۆتكۈزدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/74b5/efb2/3a9b/666a9d4a83e85.jpg?time=1718432530)
تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ
تۈركىيە يېڭى نېفىت ساھەلىرىدە نېفىت ئىزدەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.