ئالپئارسلان بايراقتار ئالېكساندىر نۇۋاك بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپارسلان بايراقتار رۇسىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئالېكساندىر نوۋاك بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

2068703
ئالپئارسلان بايراقتار ئالېكساندىر نۇۋاك بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر بايراقتار رۇسىيە-تۈركىيە بىرلەشمە ئىقتىسادىي كومىتېتىنىڭ قەرەللىك يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن پايتەخت ئەنقەرەگە كەلگەن ئالېكساندىر نوۋاك بىلەن كۆرۈشتى.

يىغىن جەريانىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى، بولۇپمۇ ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى ۋە تۈركىيەدە قۇرۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان تەبىئىي گاز مەركىزىگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر