AidData: «بىر بەلۋاغ بىر يول» تۈرى خىتاينى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھەقدارغا ئايلاندۇردى

«بىر بەلۋاغ بىر يول» تۈرىگە ئاۋاز قوشقان نۇرغۇن دۆلەتنىڭ خىتايغا 1 تىرىليون دوللاردىن ئارتۇق قەرزدار ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

2061575
AidData: «بىر بەلۋاغ بىر يول» تۈرى خىتاينى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھەقدارغا ئايلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ نۇرغۇن دۆلەتكە «بىر بەلۋاغ بىر يول» تۈرى دائىرىسىدە بەرگەن 1 تىرىليون دوللاردىن ئارتۇق قەرزى، ئۇنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھەقدارغا ئايلاندۇردى.

تەخمىنەن ئون يىل ئىلگىرى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان «بىر بەلباغ بىر يول» تۈرىگە ئۇرۇگۋايدىن سىرىلانكاغىچە بولغان 150 نەچچە دۆلەت قاتناشقان بولۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ دەسلەپكى ئون يىلىدا، خىتاي ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن كىرىملىك ​​دۆلەتلەرگە كۆۋرۈك، پورت ۋە تاشيول قۇرۇلۇشلىرىغا ئىشلىتىشى ئۈچۈن، زور مىقداردا قەرز تارقاتتى.

ھەر قايسى ھۆكۈمەت ۋە ئورگانلارن مەبلەغ سالغان ياردەم تۈرلىرى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى توپلايدىغان AidData شىركىتى دۈشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي تەمىنلىگەن مەزكۇر قەرزلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ قايتۇرۇلۇش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

AidData، خىتاينىڭ 165 دۆلەتتىكى تەخمىنەن 21 مىڭ تۈرگە يۈرۈشتۈرگەن مەبلىغىگە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈرۈپ، بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن كىرىملىك ​​دۆلەتلەرگە ھەر يىلى تەخمىنەن 80 مىليارد دوللار ياردەم ۋە قەرز ۋەدە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا نۆۋەتتە مەزكۇر دۆلەتلەرنى ھەر يىلى 60 مىليارد دوللار مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

دوكلاتقا قارىغاندا، بېيجىڭ بەرگەن قەرزلىرى سايىسىدا «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھەقدار»ىغا ئايلانغان.

AidData، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ  خىتايغا تۆلەيدىغان ئۆسۈمدىن سىرتقى ئومۇمىي قەرزىنىڭ كەم دېگەندە 1 تىرىليون 100 مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر