Fitch Ratings تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچەرىنى ئۆستۈردى

خەلقئارا كىرېدىت دەرىجىسىنى باھالاش ئورگىنى (Fitch Ratings) تۈركىيەنىڭ بۇ يىلقى ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچەرىنى ئۆستۈردى.

2037408
Fitch Ratings تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچەرىنى ئۆستۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا كىرېدىت دەرىجىسىنى باھالاش ئورگىنى (Fitch Ratings) تۈركىيەنىڭ بۇ يىلقى ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچەرىنى% 2.5 تىن % 4.3 كە ئۆستۈردى.

Fitch Ratings «2023 – يىللىق دۇنيا ئىقتىسادىغا نەزەر» ناملىق دوكلاتىنىڭ سېنتەبىر  سانىنى ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى پەسىلدە مۆلچەردىكىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك شەكىلدە ئاشقان. شۇڭا تۈركىيەنىڭ بۇ يىلقى ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچەرى % 2.5 تىن% 4.3 كە ئۆستۈرۈلگەن.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى 2024-يىلى% 3، 2025-يىلى% 3.4 ئاشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر