«Moody’s» تۈركىيەنىڭ بانكاچىلىق ساھەسىنىڭ كرېدىت دەرىجىسىىنى يۇقىرى كۆتۈردى

خەلقئارا كرېدىت دەرىجىلەندۈرۈش ئورگىنى «Moody’s» تۈركىيە بانكاچىلىق ساھەسىنىڭ كۆرسەتكۈچىنى پاسسىپ ھالەتتىن مۇقىم ھالەتكە ئۆستۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

2025041
«Moody’s» تۈركىيەنىڭ بانكاچىلىق ساھەسىنىڭ كرېدىت دەرىجىسىىنى يۇقىرى كۆتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Moody’s» نىڭ باياناتىدا، ھۆكۈمەتنىڭ ماي ئېيى (2023) دىكى سايلاملاردىن كېيىن ئورتودوكس سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن تاشلىغان قەدەملىرىنىڭ تۈركىيە بانكالىرىنىڭ پائالىيەت مۇھىتىنى كۈچەيتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، بانكالارنىڭ تاشقى فوند بىلەن تەمىنلەش سالاھىيەتلىرىنىڭ ۋە دوللارلىشىش سەۋىيەسىنىڭ ياخشىلانغانلىقى، بولۇپمۇ چەت ئەل پىرېۋوتىدىكى ئوبوروتچانلىقىنىڭ يېتەرلىك سەۋىيەدە ساقلىنىپ قېلىشىنىڭ مۆلچەرلەنگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل (2023) %4.2 ئېشىشى، پۇل پاخاللىقىنىڭ بولسا، %51 بولۇشىنىڭ مۆلچەرلەنگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ: «ياۋروپا بازىرىدىكى كۆرسەتكۈچ سەۋەبىدىن بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىقتىسادنىڭ ئاستىلىشىغا قارىماي، تۈركىيەنىڭ ئېكسپورت ۋە ساياھەت ساھەسى كۈچلۈك ئېشىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر