لاۋروۋ قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ رۇسىيە ئالاقىدار قىسمىنىڭ ئىجرا قىلىنمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ تىرىشچانلىقىغا قارىماي، قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ رۇسىيەگە مۇناسىۋەتلىك قىسمىنىڭ ئىجرا قىلىنمىغانلىقىنى ئېيتتى.

2009815
لاۋروۋ قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ رۇسىيە ئالاقىدار قىسمىنىڭ ئىجرا قىلىنمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر سېرگېي لاۋروۋ پايتەخت موسكۋادىكى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «رۇسىيە- پارس قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 6- نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك دىيالوگ يىغىنى» دا، بىر مۇخبىرنىڭ قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ شەرتلىرىنى ياخشىلاش ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، بۇ كېلىشىمنىڭ رۇسىيەگە ئالاقىدار قىسمىنىڭ ئىجرا قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئۇزۇندىن بۇيان ئاڭلاپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن لاۋروۋ: «بۇ ئاجايىپ تىرىشچانلىقلار ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. شۇڭا مەن مەۋجۇت بولمىغان بىر نەرسىنىڭ قانداق ياخشىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن» دېدى.

ئۇ كېلىشىمنىڭ ئۇكرائىناغا مۇناسىۋەتلىك قىسمىنىڭ سودا تۈرىگە ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن ئېكسپورت قىلىنغان ئاشلىق مىقدارىنىڭ %3 كىمۇ يەتمەيدىغان قىسمىنىڭ دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ تىزىملىكىدىكى ئەڭ نامرات ۋە موھتاج دۆلەتلەرگە ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر