ماي ئېيىدا ئېكسپورت رېكورت ياراتتى

تۈركىيەنىڭ ماي ئېيى ئېكسپورت مىقدارى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى.

1994560
ماي ئېيىدا ئېكسپورت رېكورت ياراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇش ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا، ماي ئېيىغا ئالاقىدار ئېكىسپورت سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلدى.

ماي ئېيىدا ئېكسپورتنىڭ %14.4 ئېشىپ، 21 مىليارد 700 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان مىنىستىر مۇش: «بۇ (تۈركىيەنىڭ) تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى ماي ئېيى ئېكىسپورت قىممىتى. ئېكسپورتىمىز ئىقتىسادىي گۈللىنىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر