ئانتاليا يىلنىڭ دەسلەپكى 3 ئېيىدا 1 مىليوندىن ئارتوق چەت ئەللىك ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى
ئانتالياغا 1-يانۋاردىن 9-ئاپرېلغىچە بولغان مەزگىلدە ھاۋا يوللىرى ئارقىلىق 1 مىليون 72 مىڭ 742 چەت ئەللىك ساياھەتچى كەلدى.
1973386
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئانتاليا ۋالىي مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن يىلى (2022) 1-يانۋاردىن 23-ئاپرېلغىچە بولغان مەزگىلدە 1 مىليون چەت ئەللىك ساياھەتچى كەلگەن بولۇپ، بۇ يىل 1-يانۋاردىن 9-ئاپرېلغىچە بولغان مەزگىلدە 1 مىليون 72 مىڭ 742 چەت ئەللىك ساياھەتچى شەھەرنى زىيارەت قىلغان.
ئانتاليا 1 مىليون چەت ئەللىك ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش نىشانىنى بۇلتۇرقىدىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن ئەمەلگە ئاشۇرغان.
شەھەرگە ئەڭ كۆپ ساياھەتچى ئەۋەتكەن دۆلەتلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا رۇسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە ۋە پولشا بولغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئاشتى
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى يىللىق نىسبەتتە % 4.3 ئاشتى.